UyghurMain Dictionary
ھېلۋېتىئوس
دۇنيا تارىخى
(1715 - 1771) فرانسۇز پەيلاسوپ، مەرىپەتپەرۋەر مۇتەپپەككۇر. ئوردا دوختۇرى ئائىلىسىدىن چىققان، 1738 - يىلى باج ھۆددىگىرى بولغان. 1751 - يىلى خىزمەتتىن چېكىنىپ تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. 1765 - يىلى فرىدرىخ Ⅱ نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېرلىننى زىيارەت قىلغان. دۇنيانىڭ ماددىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ماددىنى ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك كەڭلىك، زىچلىق ۋە قوشۇلماسلىقتۇر، ھەرىكەت (مېخانىك ھەرىكەت) ماددىنىڭ خاسلىقىدۇر، دەپ ھېسابلىغان. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە لوكنىڭ تۇيغۇ نەزەرىيىسىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ، ئادەمنىڭ بارلىق ئىقتىدارنى تۇيغۇدىن ئىبارەت دېيىشكە بولىدۇ، ئاڭنى تۇيغۇنىڭ يىغىندىسى دېيىشكە بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ يەنە تۇيغۇ نەزەرىيىسىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىگە تەتبىقلاپ، <ئۆزىنى سۆيۈش پرىنسىپى> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەمنىڭ تەبىئىتى خاپىلىقتىن خالى بولۇش، كۆڭۈل ئېچىش دەپ قارىغان؛ <ئادەم - مۇھىتنىڭ مەھسۇلى> دېگەن پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتتتىكى جىنايەتلەرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش ۋە قانۇن چىقىرىش كېرەك دەپ قارىغان. لېكىن يەنە قانۇننىڭ مۇكەممەللىشى ئىنسان ئەقلىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا باغلىق دەپ قارىغان، شۇڭا <پىكىر ئارقىلىق دۇنيانى ئىدارە قىلىش>، <تەربىيە ھەممىگە قادىر> دېگەنگە ئوخشاش ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ تەلىماتى خىيالىي سوتسىيالىزم ۋە مەنپەئەتپەرەسلىككە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى <روھ توغرىسىدا>، <ئادەم توغرىسىدا> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.