Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھېللاس
Domain: دۇنيا تارىخى赫拉斯
hè lā sī
قەدىمكى يۇناننىڭ باشقىچەئاتىلىشى. <گرېتسىيە> نىڭ مەنىسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشايدۇ. ئادەتتە گرېتسىيىنىڭ ئۆز زېمىنىنى (بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى) بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئومۇمەن گرېكلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ھەممىسىنى <ھېللاس> دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؛ گرېكلارنىڭ مۇستەملىكە شەھەرلىرى، مەسىلەن، شىمالىي ئافرىقىدىكى كىرېنا، كىچىك ئاسىيادىكى مىلېت، سىتسىلىيە ئارىلىدىكى سىراكۇزى، جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى تالىنتون قاتارلىق جايلار شۇ جۈملىگە كىرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يىراق قەدىمكى زاماندا، تىسسالىيە (شىمالىي يۇنان) نىڭ جەنۇبىدىكى فوتىئوتنىڭ دائىرىسىدە ھېللاس دەيدىغان بىر كىچىك شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئاھالىلىرى <ھېللاسلار> دەپ ئاتىلىدىكەن. كېيىن بۇ سۆز گرېتسىيە ۋە گرېكلارنى كۆرسىتىشتە قوللىنىلغانىكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.