Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھېكىسلېي
دۇنيا تارىخى
赫胥黎
hè xū lí
(1825 - 1896) ئەنگلىيە ناتۇرالىستى، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى تەرەپدارى، ئېيلىڭدا تۇغۇلغان. 1845 - يىلى لوندوندا خانلىق تىببىي شۆيۈەنىنىڭ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى ئالغان. 1846 - 1850 - يىللىرى ئاۋسترالىيىنىڭ شەرقىي دېڭىز ياقىسى ۋە دېڭىز گۋىنىيىگە بارىدىغان تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە دېڭىز ئارمىيە دوختۇرى سۈپىتى بىلەن قاتناشقان. 1854 - يىلى خانلىق كانچىلىق شۆيۈەنىدە تەبىئەت تارىخى لىكتورى، پروفېسسورى بولغان. 1872 - يىلى ئابېردىن داشۆسىنىڭ پەخرىي مۇدىرى بولغان. 1873 - يىلدىن باشلاپ لوندون خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنى كاتىپى بولغان. 1883 - 1885 - يىللىرى بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقى بولغان. ئۆمۈر بويى زوئولوگىيە، قەدىمىي بىئولوگىيە، سېلىشتۇرما ئاناتومىيە، ئانتروپولوگىيە ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىمبېرۇئولوگىيە ۋە سېلىشتۇرما ئاناتومىيىسىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئىنسانلارنىڭ تەبىئەن دۇنياسىدىكى ئورنىنى بېكىتكەن، ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلار، بولۇپمۇ ئىنسانلار بىلەن ئادەمسىمان مايمۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايان قىلغان، ئادەم بىلەن ئادەمسىمان مايمۇننىڭ ئەجدادى بىر دەيدىغان نەزەرىيىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. دارۋىننىڭ <تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى> دېگەن مەشھۇر ئەسىرى نەشىر قىلىنغاندىن (1859 - يىلى) كېيىن، ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان ۋە تەشۋىق قىلغان. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە قارشى دىنىي كۈچلەر بىلەن ئېلىپ بارغان بەس - مۇنازىرىلەردە دارۋىننىڭ تەلىماتىنى (ئۆز - ئۆزىنى دارۋىننىڭ كەتمىنىنى چاپتىم دەۋالغان) قوغدىغان. 1860 - يىلى ئەنگلىيە ئىلىم - پەن جەمئىيىتىنىڭ ئوكسىفورد يىغىنىدا تەدرىجىي تەرەققىيات توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بەس - مۇنازىرىدە ئېپىسكوپ ۋىلبىرفورسې (1805 - 1873) غا مۇۋەپپەقىيەتلىك رەددىيە بېرىپ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. لېكىن پەلسەپە جەھەتتە بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسىگە پېتىپ قالغان. <بىلگىلى بولماسلىق نەزەرىيىسى> دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن. ئۇ ئادەم پەقەت ھېس قىلغان ھادىسىنىلا بىلەلەيدۇ. <ماددىي ئەمەلىي نەرسە> نى ۋە ئادەمنىڭ تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغان ھەقىقىي سەۋەبلەرنى بىلگىلى بولمايدۇ، دەپ ھېسابلىغان. بىراق تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت بەزى كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا ماتېرىيالىزملىق مەيداندا تۇرۇپ، ماددا مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئېنېرگىيە يوقالمايدۇ، دەپ قارىغان. <ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئورنى>، <ھايۋانلارنى تۈرگە ئايرىش ھەققىدە>، <غەيرىي دىنىي ئەربابنىڭ دىن ھەققىدىكى پىكرى>، <تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن ئەخلاقشۇناسىلىق> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئاخىرقى ئەسەرنىڭ ئالدىنقى ئىككى بابىنى يەن فۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان (<تەبىئەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى نەزەرىيىسى>).