Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھىجرىيە كالېندارى
Domain: دۇنيا تارىخى希吉来历
xī jí lái lì
ئىسلام كالېندارى. جۇڭگودا مۇسۇلمانلار كالېندارى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئادەتتە A.H (لاتىنچە <ھىجرىيە يىل> دېگەننىڭ قىسقارتىلمىسى) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ھىجرەت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ياسىرىبقا ھىجرەت قىلىش ۋەقەسى) يۈز بەرگەن يىل ئەرەبلەرنىڭ شەمسىيە يىلىنىڭ يىل بېشى (مىلادى 622 - يىل 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)، يىلنى ھېسابلاشنىڭ تۇنجى يىلنىڭ يېڭى يىل كۈنى قىلىنغان. شەمسىيە يىلىدا بىر يىل 12 ئاي بولىدۇ؛ كىچىك ئايلار 29 كۈنى، چوڭ ئايلار 30 كۈن بولۇپ، كەبىسە ئاي بولمايدۇ؛ بىر يىل 354 كۈنى بولىدۇ. 30 يىل بىر دەۋر (بىر قەرنە) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 11 كەبىسە يىلى بولىدۇ. كەبىسە يىلىنىڭ ئاخىرىغا بىر كەبىسە كۈنى قوشۇلۇپ بىر يىل 553 كۈنى قىلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەر يىل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 354 كۈنى 8 سائەت 48 مىنۇت بولىدۇ. بىر كۈنى قۇياش ئولتۇرغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.