Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھېيمانېس
Domain: دۇنيا تارىخى海曼斯
hǎi màn sī
(1892 - 1968) بېلگىيىلىك فىزىئولوگ. گېنتدا تۇغۇلغان. 1920 - يىلى گېنت داشۆسىدە دوكتور بولغان. كېيىن پارىژ، لوزاننا، ۋېنا، لوندونلاردا بىلىم ئاشۇرغان. 1920 - يىلدىن باشلاپ دادىسى بىلەن بىللە گېنت داشۆسىدە ئىشلىگەن. 1930 - يىلدىن باشلاپ مۇشۇ مەكتەپتە پروفېسسور بولغان. 1940 - 1941 - يىللىرى بېلگىيە قۇتقۇزۇش كومىتېتى سەھىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. غول ئارتېرىيە كاۋىكى ۋە بويۇن ئارتېرىيە كاۋىكىنىڭ نەپەس سىستېمىسى مەركىزىنى تەڭشەشتىكى رولىنى، ئارتېرىيە قان بېسىمىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى رولىنى تەتقىق قىلىشتا غايەت زور تۆھپە ياراتقان. 1938 - يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تىببىي پەن مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.