UyghurMain Dictionary
ھەۋەس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئارزۇ، ھەۋەس؛ خام خىيال:
ئەيلەمىشمەن ئاڭلاماي قادىرلىغىم ۋەسفىن ھەۋەس،
كىم قاچان ئەيلەر قارىنى بەزمىگە داخىل يىگىت.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە بولغان قىزىقىش.
دەردسىز دىل ھەۋەستىن تاپالماي چارە، شېشە بوشاپ قالسا، شارابى ھاۋا. ھەۋەس يوق يەردە خاتىرە بولماس. ھېرىس قىلساڭ ھارىسەن. ھەپسىلىسى پىر بولدى.
پسىخولوگىيە
بۇ كىشىنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن مەلۇم خىلدىكى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش مايىللىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىگە بولغان قىزىقىش؛ ئىنتىلىش؛ ئارزۇ، ئىستەك.
ئىش باشقا، ھەۋەس باشقا.