UyghurMain Dictionary
ھەتتا
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەتتا، شۇ قەدەر، شۇ دەرىجە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىزاھ باغلىغۇچى، ئالدىدا ئېيتىلغان سۆز، جۈملىگە قارىغاندا كېيىنكى سۆز، جۈملىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
كىمنى پادىشاھ ئۆزىدىن يىراق تۇتسا، ئۆي ئىچىمۇ زاڭلىق قىلىدۇ ھەتتا. ئۇلار مىللەت يولىدا قەھرىمانلارچە ئىشلىدى، ھەتتاكى قانلىق جەڭلەر، قەھرىتان سوغۇقلار، ئىسسىق ئاپتاپلارغىمۇ پەرۋا قىلمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
باغل. سۆزلىگۈچى نەزىرىدە مەلۇم ئىش - ھەرىكەتتىن ئىش - ھەرىكەتننىڭ يەنە بىر ئاشۇرۇپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
كەلگۈسىدە جىگەر، بۆرەك، يۈرەك قاتارلىق ئورگانىزملارنى ھەتتا تىرىك ئادەملەرنى توڭلىتىپ ساقلىغىلى بولىدۇ.
يۈك. جۈملىنىڭ نۇقتا قىلىنغان بۆلىكىنىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ، شۇ بۆلەكنىڭ ئىلگىرىلەپ ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە كۆپىنچە شۇ مەنىدىكى <ـ مۇ> يۈكلىمىسى بىلەن ماسلىشىپ كېلىدۇ.
ئۇلار خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ھەتتا جېنىنىمۇ ئايىمىدى.