UyghurMain Dictionary
ھەسسە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1. ئۈلۈش.
چەتلىگەنگە ھەسسە يوق (ماقال). * بۇنىڭدا مېنىڭمۇ ھەسسەم بار.
2. تۆھپە. ئۇنىڭ ئىنقىلابقا قوشقان ھەسىسى چوڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
كەررە، قېتىم.
ھەسسە سان. *ھەسسىدار. * ھەسسلىك. * تۆت ھەسسە چوڭ، ئۈچ ھەسسە ئاز.
بەتنام ياشىغاندىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەل،
مەقسەتكە يەتمەستىن يەپ كەتسە ئەجەل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېرىكلىشىپ باشقۇرغان سودا - سانائەتكە قوشۇلغان دەسمايە، ئۆسۈمى بولىدۇ.
شىركەتكە ئالتە پاي قوشتۇم. لىچۈن ھەسسىدارلار شىركىتىدە ئالىدىغان ئۈلۈشۈم بار. شىركەتكە قوشقان ھەسسىدارلار يىللىق ئۆسۈم ئېلىشقا ئالدىراپ تۇراتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەلق، مىللەت، دۆلەتكە ۋە شۇلارغا دائىر ئىشلارغا قوشقان پايدىلىق زور ئىش، ھەدىيە.
چالا ئۇستىنىڭ ئەسۋابى كۆپ، تۆھپىسى ئاز. مىللىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشقانلارغا بارىكاللا!
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تېگىشلىك ھەق
ئۈلۈش تەگمىگەن ئۆپكىلەر. بىر ئۈلۈش بىلىمنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئون ئۈلۈش بىلىم ئال. ھەسسىسى قايتمايدىغان ئەمگەك يوق. ئۈنچەڭنى ئال، يولۇڭغا ماڭ. ئۇخلىغاننىڭ نېسىۋىسىنى ئويغاق يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىنىڭ ئايرىم بىر قىسمى؛ بۆلەك، ئۈلۈش.
ھوسۇلنىڭ تۆتتىن ئۈچ ھەسسىسى.
<مات>بىر ساننى ئىككىنچى بىر سانغا بۆلگەندە كېلىپ چىققان بۆلۈنمە.
يېرىم.
سادىر شۇ ئولتۇرغىنىچە تۈن ھەسسىدىن ئاشقاندا لايىھىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ چىقتى.
مەرتە، باراۋەر.
ئۈچ ئاي جەريانىدا بۇ قەرز ئۈچ قاتلىنىپ، ئەسلىدىكىسىدىن ئالتە ھەسسە ئېشىپ كەتتى.
ئۈلۈش.
ھەسسە قوشماق.
بۇ يىلقى مۇكاپاتتا ئاناڭ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ بىر كىشىلىكتىن ھەسسىسى بار.
شېرىك بولۇش ياكى ئەزا بولۇش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ھەق، پاي