Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھەرىكەت پوتېنسىئالى
بىئولوگىيە
动作电位
dòngzuòdiànwèi
<ئاكسىئون پوتېنسىئال> ياكى <ھەرىكەتلەندۈرۈش پوتېىسىئالى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. غىدىلىنالايدىغان ھۈجەيرە غىدىقلاشقا ئۇچراپ قوزغالغاندا (غىدىقلانغاندا) ھۈجەيرە پەردە پوتېنسىئالىدا بىردەملىك پوتېنسىئال دولقۇنى پەيدا بولىدۇ، بۇنداق پوتېنسىئال دولقۇنى <ھەرىكەت پوتېنسىئالى> دېيىلىدۇ. <پەللە پوتېنسىئالى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ، قوزغىلىشنىڭ ھاسىل بولۇش ۋە يەتكۈزۈلۈش ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. نېرۋا ھۈجەيرىسى قوزغالغاندا 80 - 120 مىللىۋولت بولغان ھەرىكەت پوتېنسىئالى ياندىشىپ كېلىدۇ. ھەرىكەت پوتېنسىئالىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى شۇكى، ھۈجەيرە غىدىقلانغاندا پەردىنىڭ Na+ گە بولغان ئۆتكۈزۈشچانلىقى تېز سۈرئەتتە ئاشىدۇ. ھۈجەيرە سىرتقى ئېرىتمىسىدىكى Na+ ئۆتكۈزۈشچانلىق ئېنىقلىقى ھۈجەيرە ئىچىدىكىدىن يۇقىرى بولغاچقا، پەردە ئىچىدىكى پوتېنسىئال پەردە سىرتىغا قارىغاندا مەنپىي بولىدۇ ھەمدە Na+ ھۈجەيرە ئىچىگە قاراپ ئېقىپ پەردىنىڭ ئىچكى يېنىدىكى مۇسبەت زەرەتلىك ئىئونلارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، پەردە پوتېنسىئالى تەتۈرگە ئايلىنىپ قارىمۇ قارشى قۇتۇپلىشىش پەيدا بولۇپ، پەردە ئىچى مۇسبەت، پەردە سىرتى مەنپىي بولغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئارقىدىنلا پەردىنىڭ Na+ غا بولغان ئۆتكۈزۈشچانلىقى تۆۋەنلەپ K+ غا بولغان ئۆتكۈزۈشچانلىقى تېز سۈرئەتتە ئاشىدۇ - دە، K+ نىڭ سىرتقا ئېقىشىنى تېزلىتىپ پەردە ئىچىدىكى پوتېنسىئالنى ئەسلىدىكى پەردە پوتېنسىئالى سەۋىيىسىگە كەلگەنگە قەدەر ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىدۇ. K+ ۋە Na+ نىڭ بۇنداق توشۇلۇشى ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز كونسېنتراتسىيە گرادىئېنتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. لېكىن پەردە قوزغىلىشنىڭ نەتىجىسىدە پەردە ئىچى - سىرتىدىكى ئىئون كونسېنتراتسىيىلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، پەردە ئىچىدىكى Na+ پەردە سىرتىدىكى K+ كۆپىيىدۇ. ھۈجەيرە پەردىسىدە ناترىي - كالىي ناسوسى (پومپىسى) دەپ ئاتىلىدىغان ئىئون ناسوسى (پومپىسى) بولغانلىقى تۈپەيلىدىن Na+ نى پەردە سىرتىغا چىقىرىۋېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا K+ نى سۈمۈرۈپ كىرگۈزىدۇ. بۇ چاغدىكى Na+ ۋە K+ نىڭ توشۇلۇشى ئۆزلىرىنىڭ كونسېنتراتسىيە پەرقىگە قارىمۇ قارشى يۆنىلىشتە ئېلىپ بېرىلغاچقا، ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشقا ئېھتىياجلىق. شۇڭا ھۈجەيرە قوزغالغاندىن كېيىن پەردە پوتېنسىئالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن داۋاملىق ساقلىنىشى ھۈجەيرە مېتابولىزمىنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ئېھتىياجلىق.
توكچىلىق، كومپيۇتېر,تەنتەربىيە
动作电位
dòng zuò diàn wèiDتەنتەربىيە
活动电位
huó dòng diàn wèi
پسىخولوگىيە
动作电位
dòng zuò diàn wèi
«ھەرىكەت توكى» غا قاراڭ.