Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھەرىكەتنى ئىدراك قىلىش
پسىخولوگىيە
运动知觉
yùn dòng zhī jué
بۇ تاشقى جىسىمنىڭ قوزغىلىشى ئىدراك بىلەن بىلىش. كۆز ئالدىمىزدىكى بىر جىسىمنىڭ قوزغىلىشىنى كۆرگەندە، كۆزىمىزنىڭ تور پەردىسىدىكى سۈرەت يۆتكەلگەنلىكتىن، جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنى بىۋاسىتە ئىدراك قىلىمىز. ئەمدى ئالدىمىزدىكى جىسىم قوزغالماستىن بېشىمىز ياكى بەدىنىمىز قوزغالسىمۇ، كۆزىمىزنىڭ تور پەردىسىگە چۈشكەن سۈرەت يۆتكىلىدۇ. لېكىن بىز جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنى ئىدراك قىلمايمىز. دېمەك، ھەرىكەتنى ئىدراك قىلىش ئاددىلا تور پەردىدىكى سۈرەتنىڭ يۆتكىلىشى بىلەنلا ۋۇجۇدقا كېلىۋەرمەيدۇ. باش ياكى بەدەن ھەرىكىتى سەزگۈسىمۇ ھەرىكەتنى ئىدراك قىلىشقا قاتنىشىدۇ. جىسىمنىڭ قوزغىلىشىنى ئىدراك قىلىش جىسىمنىڭ يىراق - يېقىنلىقى ۋە قوزغىلىش تېزلىكىنى ئىدراك قىلىش بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق. تېز كېتىۋاتقان پويىزدا يېقىندىكى نەرسىلەر خۇددى بىر ياققا ناھايىتى تېزلىك بىلەن كېتىۋاتقاندەك، يىراقتىكىلەر جىم تۇرغاندەك كۆرىنىدۇ. ھەرىكەتنى ئىدراك قىلىش بەزىدە كۆرۈش سەزگۈسى، ھەرىكەت سەزگۈسى، تەڭپۇقلۇق سەزگۈسى ۋە ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا بىر بىرىنى چەكلىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.