Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھەرە قۇش
بىئولوگىيە
蜂鸟
fēngniǎo
قۇشلار سىنىپىنىڭ قارلىغاچسىمانلار ئەترىتى، ھەرە قۇش ئائىلىسىدىكى ھەممە تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي نامى. شەكلى ھەر خىل، چوڭلىرى قارلىغاچقا ئوخشاش، كىچىكلىرى سېرىق ھەرىدىنمۇ كىچىك بولۇپ، ئېغىرلىقى بىر گرام ئەتراپىدا بولىدىغان قۇشلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك تىپتىكى تۈر ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە گۈللەر ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرۈپ گۈل شىرنىسى ۋە گۈلدىكى ئۇششاق ھاشاراتلر بىلەن ئوزۇقلىنىپ چاڭلىشىشقا ياردەملىشەلەيدۇ. گۈل ئالدىدا تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئوخشاش <ئېسىلىپ تۇرالايدۇ> (بۇ چاغدا ھەر مىنۇتتىكى قانات قېقىشى 50 قېتىمدىن ئاشىدۇ). تۇمشۇقى ئالاھىدىلەشكەن بولۇپ، خۇددى نەيچىگە ئوخشاش ئىنچىكە - ئۇزۇن ھەمدە تىلى ئەركىن ئۇزىراپ - قىسقىرالايدۇ. دەرەخ شاخلىرىغا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇمشاق تاللىرى ھەم ئۆمۈچۈك تورلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئۇۋا ياسايدۇ. باچكىسىنى باققاندا چىشىسى ئۇزۇن تۇمشۇقىغا ئېلىۋالغان گۈل شىرنىسىنى باچكىسىنىڭ قىزىلئۆڭگىچىگە كىرگۈزۈپ بېرىدۇ. پەيلىرى ئىنتايىن چىرايلىق، پەي تاجىسى ھەم قۇيرۇق شەكلى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ كۆپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خىل قۇشنىڭ ئۈچەككە كىرىدىغانلىقى بايقالدى. ئاساسەن جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىغا، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ شىمالدا ئالياسكىغىچە تارقالغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدىمۇ ھەرە قۇش بارلىقى بايقالغان.