UyghurMain Dictionary
ھەرەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەسلەك، يول، مەقسەت تاپقان:
خاس ئۆي، خاس جاي؛ باشقىلار غەيرىي كىشىلەر كىگۈزۈلمەيدىغان جاي:
خوتۇن، ئايال:
1. بۇ دەرياغە كىرگەن گەۋھەر مەقسۇد تىلەسە دەم ئاسراماق كېرەك ۋە بۇ ھەرەمغە يول تاپقان مەھرەملىك تىلەسە دەم ئۇرماماق كېرەك.
نەۋايى.
2. سۆيۈر مەھبۇبى بار ئېردى ھەرەمدە،
كى دايىم كۆڭلى ئېردى ئول سەنەمدە.
لۇتقى.
3. ۋە تۆرت ھەرەمى بار ئېردى.
نەۋايى.
4. ھەرەم بولسا، يانە پەرى بىرلە ھۇر،
بولۇر ئاقىبەت ھەم ئاڭا جاي گور.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
5. ھەرەم خەلقىغە بەردى رۇخسەتنى ھەم،
دېدى بەزم قىلسۇن چىقىپ شاھى جەم.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
يار، دوست، ئۈلپەت:
مەككە شەھىرى، ھەرەم، مەككە شەھىرىدىكى ئەڭ بۈيۈك مەسچىت:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خاس جاي، ئۆز ئەھلى بولمىغان كىشىلەر كىرگۈزۈلمەيدىغان جاي، ئىچكىرىكى ھويلا؛ خوتۇن؛ كەئبە، چەكلەنگەن جاي، مەسچىت: ھەرەمى خاس - ئالاھىدە ھەرەم؛ سۆيۈكلى (خاس) خوتۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مۇسۇلمانلار ھەج قىلغاندا مۇقەددەس بىلىپ تاۋاپ قىلىدىغان مەككىدىكى كەبە ھەم مەدىنىدىكى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ مەقبىرىسى.
<تارىخ> خان - پادىشاھ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپدارلار خانىدانلىرىدىكى ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس ئاجرىتىلغان ئۆيلەر، ھۇجرىلار.
ئەگەر ئىلتىپات بولسا، مەن ھەرەمگە كىرىپ مەلىكەمنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى.