UyghurMain Dictionary
ھەپسە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەھبۇسلارنى قاماپ قويىدىغان جاي؛ كۆچمە مەنىدە ئەڭ مۇشەققەتلىك، چىدىغۇسىز مۇھىت.
بۈگۈن بىز تۈرمىگە چۈشتۇق،كىم خالايدۇ دەيسىز بۇ تۈرمىنى، لېكىن مەڭگۈ تۈرمىدە يېتىشقا رازىمىز، يوقىتىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بېشىدىكى ئازاب _ ئوقۇبەتلەرنى. ئاۋاختىدا ياتقاننىڭ ھەممىسىلا جىنايەتچى ئەمەس. قاماقخانا ھاكىمىيەتنىڭ ئۈچ ئامىلىنىڭ بىرى. گۇندىخانىدا يېتىشتىن خۇدا ساقلىسۇن. دادام سېڭ شىسەينىڭ ھەپىسىدە قازا قىلغان. ئاغرىق _ تەننىڭ زىندانى، قايغۇ _ جاننىڭ زىندانى. نادانلارنىڭ سۆھبىتىدىن زىندان ياخشىراق. سادىر پالۋان بەنپاڭزىدا ياتقان.
شىۋىلەر
قاماق، سولاق، تۈرمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قاماق، تۈرمە، سولاق.
ھەپسىگە چۈشمەك. ھەپسىگە ئالماق.