Chinese→UyghurMain Dictionary
恒温动物
بىئولوگىيە
مۇقىم تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار
قۇشلار ۋە ئېمىتكۈچىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى مۇھىت تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ، بۇنداق ھايۋانلار مۇقىم تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار ياكى ئىسسىق قانلىق ھايۋانلار دېيىلىدۇ. مۇقىم تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلار بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق تەڭشەپلا قالماستىن بەلكى بەدىنىدە يەنە ئۆزلۈكىدىن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيدىغان تۈزۈلۈشلەرگە ئىگە. بەدىنىدىكى مېتابولىزم ئۈنۈمى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەڭشىشى ئاستىدا مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ بەلگىلىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىيەلەيدۇ، شۇڭا سوغۇقتا بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ؛ سىرتقى مۇھىتتىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەندە تېرىدىكى قان ئېقىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، شۇنىڭدەك تەرلەش قاتارلىق ئىسسىقلىق تارقىتىش شەكىللىرى ئارقىلىق بەدەن ئىسسىقلىقىنى تارقىتىپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارى بىلەن ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارىنى كىنېتىك مۇۋازىنەتكە (تەڭپۇڭلۇققا) يەتكۈزىدۇ، شۇ ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلىيالايدۇ. مۇقىم تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆزلۈكىدىن تەڭشەيدىغان تۈزۈلۈشلىرى يېڭى تۇغۇلغاندا مۇكەممەل بولمايدۇ، شۇڭا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. مەسىلەن، تەجرىبىخانا ئاق چاشقىنى تۇغۇلۇپ توققۇز كۈنگىچە ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق بولۇپ، 10 - كۈنىدىن باشلاپ ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشى چوڭ بولمىغان شارائىتتا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىيەلەيدىغان بولىدۇ. 20 - كۈنىگە بارغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش تۈزۈلۈشى مۇكەممەللىشىدۇ.
دېھقانچىلىق
héng wēn dòng wù
بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق ھايۋان