UyghurMain Dictionary
ھەنىف
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەسلىي ئارام تىلى بولۇپ، نەبەت تىلىدىن كىرگەن. ئەسلىي مەنىسى <ئايرىلىپ كەتكۈچى>، <دىننى ئۆزگەرتكۈچى> دېگەنلىك، بولۇپ، كېيىن <ئىخلاسمەن>، <ھەققە تىۋىنغۇچى> دېگەن مەنىلەرگە ئۆزگەرگەن. ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مۇستەقىل بىر خۇدالىق ئېتىقاد ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەر <ھەنىف> دېيىلگەن. <قۇرئان كەرىم> دە دەسلەپكى ھەق دىنغا ئىمان كەلتۈرگۈچىلەر، بولۇپمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلغان. <ئىبراھىم ھەقىقەتەن (ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرگۈچى) پېشىۋا، ئاللاغا ئىتائەتمەن (باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرالغۇچى يەنى ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى) ئىدى. ئۇ ئاللاغا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى> (16 - سۈرىنىڭ 120 - ئايىتى)، <ئىبراھىم يەھۇدىيمۇ ئەمەس، ئاسارامۇ ئەمەس ...> (3 - سۈرىنىڭ 67 - ئايىتىدىن). تەپسىردە ۋەرەقە (بۈۋى خەدىچىنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى)، زەئىد (ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ تاغىسى) قاتارلىق كىشىلەر تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇلار <ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى> غا ئەگىشىپ، بۇتلارغا چوقۇنۇشنى، نەزىر قىلىنغان مالنىڭ سېسىغان گۆشىنى يېيىشنى رەت قىلىدۇ. قىز بالىنى تىرىك كۆمۈۋېتىشنى ئەيىبلەيدۇ. قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىمتىيازىغا قارىشى تۇرىدۇ؛ بىر خۇداغا ئىمان ئېيتىشنى، رىيازەت چېكىپ زاھىد بولۇشنى، شەخس ئەخلاق ۋە روھىنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنىشىنى ئىزدەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەبىلە دىنلىرىنىڭ ئۆزگەرتىدىغان ئىدىيىۋى خاھىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.