UyghurMain Dictionary
ھەمەل بۇرجى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قەدىمكى ئاسترونومىيە چۈشەنچىسى بويىچە ئون ئىككى بۇرجىنىڭ بىرىنچىسى:
ئەتارۇدقا زۇھەل شەمشەرىنى ھەيبەت بىلەن تەڭلەر،
ھەمەل بۇرجىغا لازىمدۇر بۈگۈن جەۋزانى يىغماقلىق.
زەلىلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاسترونومىيە
ئېكلىپتىكىدىكى 12 - بۇرجنىڭ بىرىنچىسى. بەلگىسى r ئاسترونومىيىلىك ئۇزۇنلۇقى 0° - 30° قىچە. ئەسلىي ئورنى ھەمەل يۇلتۇز تۈركۈمىدە بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھوت يۇلتۇز تۈركۈمىگە يۆتكەلگەن، ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە قۇياش بۇ بۇرجقا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى مەۋسۈم ئەتىيازلىق كۈن تەڭلىكى نۇقتىسى <ھەمەل بۇرچىنىڭ بىرىنچى نۇقتىسى> دەپ ئاتىلىدۇ.