UyghurMain Dictionary
ھەمدان قەرمەت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ دائىسى (دىنىي ئەھكاملارنى ئۆگەتكۈچىسى)، Ⅸ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى قەرمەتىيلەر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. ئىراقتىكى كۇفەنىڭ يېنىدا ئۆتكەن دېھقان. مىسۇپوتامىيىدىكى ۋەسېتتە (ھازىر سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدە) قەرمەتىيلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ ئابباسىيلار سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئەزالىرىنىڭ بىر قىسىم مال - مۈلكىنى ۋە كىرىمىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى جامائەت ئىلىكىگە ئېلىش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ھەممىگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بېرىشنى سىناپ كۆردى. قوزغىلاڭ باستۇرۇۋېتىلدى. 899 - يىلى ئىسمائىلىيەلەرنىڭ باش ئورگىنى بىلەن ئىختىلاپ كۆرۈلدى. ھەمدان قەرمەتنىڭ ئاساسلىق ياردەمچىسى ئابدان ئۆلتۈرۈۋېتىلدى.