Chinese→UyghurMain Dictionary
河马
بىئولوگىيە
بېگېموت
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىنىڭ ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى، بېگېمۇتلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ تېنى كېلەڭسىز، دىقماق، تۆت پۇتى قىسقا، بەدەن ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، مۈرە ئېگىزلىكى 4.1 - 5.1 مېتىر، ئېغىرلىقى 3 - 4 توننا كېلىدىغان، قۇرۇقلۇقتىكى ئىككىنچى چوڭ ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. كۆزلىرى پۇلتىيىپ چىققان، تۇمشۇقى كەڭ، ئاغزى چوڭ، قۇلىقى كىچىك، بۇرۇن تۆشۈكى تۇمشۇقىنىڭ تۆپىسىگە جايلاشقان بولۇپ ئېتىلەلەيدۇ. تېنى يالىڭاچ، قارا - قوڭۇر رەڭ، تېنىدە ئالاھىدە تۆشۈكچىلىرى بولۇپ، <قان تەر> دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ھال رەڭ ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. ئۇنىڭ قۇيرۇقى قىسقا (15 - 20 سانتىمېتىر)، ئالدى - ئارقا پۇتلىرى تۆت بارماقلىق، ئازراق پەردىسى بار. كۈرەك چىشلىرى ۋە قوزۇق چىشلىرى ھىڭگاڭ چىش شەكلىدە، تۆۋەنكى قوزۇق چىشى ئالاھىدە چوڭ ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆسەلەيدۇ، ئۇ سۇدا ئۈزۈش - چۆكۈشكە ماھىر قوش ماكانلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تېرە ئاستىدىكى ماي قەۋىتى قېلىن، ئۇ ئافرىقىدىكى دەريا، كۆللەرنىڭ سۇ ئوتلىرى مول جايلىرىدا ياشاپ سۇ ئوتلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئوزۇقلىنىش مىقدارى زور. جىنسى بەش يىل ئەتراپىدا يېتىلىدۇ، بوغاز مەزگىلى سەككىز ئاي، ھەر نۆۋەتتە بىرنى تۇغىدۇ. بالىسىنىڭ تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقى تەخمىنەن 03 - 40 كىلوگرام كېلىدۇ. توپلىشىپ ياشايدۇ، خاراكتېرى ياۋاش، لېكىن بەزىدە ئادەملەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، كېمە - قولۋاقلارنى ئاغدۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ گۆش، مايلىرىنى ئىستېمال قىلىشقا، تېرىسىدىن خۇرۇم ئىشلەشكە بولىدۇ. ھازىر بەزىلەر بېگېمۇتلاردىىن پايدىلىنىپ دەريا يولى ۋە سۇ ئامبارلىرىدىكى ئوت - چۆپلەرنى تازىلاپ مۇھىم سۇ ئۈستى ترانسپورت يوللىرىنىڭ سۇ ئوتلىرى بىلەن توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.
ئۇنىۋېرسال
hé mǎ
بېگېموت
Dگىئولوگىيە
hé mǎ
بېگېموتDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
hé mǎ
بېگىموت