UyghurMain Dictionary
ھەلەپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھايۋانلار، ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق.
<ھەلەپ> سامانغا كېپەك ئارىلاشتۇرۇلغىنى.
<پوم> تۆگە ئوزۇقى، قوناق ئونىدىن قىلىنىدۇ.
قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ. ئاتنى قامچا بىلەن ھەيدىگۈچە، يەم بىلەن ھەيدە. بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىغىدىن تۈتۈن چىقار. قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېشەر. ئىنەكنىڭ سۈتى يېلىنىدە ئەمەس، ھەلەپتە. تۆگىنى پوم باقىدۇ. پومنى تۆگە كۆتۈرىدۇ. يەم - خەشەك تەق بولسا، مال تەل بولىدۇ. قۇش قانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ دېنىنى يەردىن يەر. دان ئۈچۈن، تاجىدار خوراز بېشىنى يەرگە ئېگىدۇ. ھايۋانات باغچىسىدا شىرغا ئەس بەردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇلاغقا بېرىش ئۈچۈن ساماننى يۇيۇپ، كېپەك ياكى قوناق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەييارلىنىدىغان ئوزۇقلۇق.
ھەلەپ ئەتمەك. ھەلەپ بەرمەك.