Chinese→UyghurMain Dictionary
核孔夏合体
بىئولوگىيە
يادرو تۆشۈكچە كومپلېكس تەنچىسى
گە ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپتا يادرو پەردىسىدە دىئامېترى تەخمىنەن 40 ~ 150 مىللىمىكرون كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان مىكرو تۆشۈكچىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ مىكرو تۆشۈكچىلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يادرو پەردە ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ سەككىز پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يادرو تۆشۈكچىسى مۇرەككەپ تۈزۈلۈشكە ئىگە، بەزىلەر تۆشۈكچىنىڭ ئەتراپىدا رەتلىك تىزىلغان سەككىز جۈپ شار شەكىللىك دانىچە، تۆشۈكچىنىڭ مەركىزىدە بىر دانىچە (پۈتۈن تۆشۈكچىنى ئېتىۋالمايدۇ)، تۆشۈكچە تېمىدىن مەركىزىي دانىچىگىچە يەنە شەكىلسىز ماددىدىن تۈزۈلگەن نېپىز بىر قەۋەت ئايرىغۇچى پەردە بولىدۇ ھەمدە ئىنچىكە يىپچىلەر بىلەن ئەتراپىدىكى تۆشۈكچە دىۋارىغا تۇتىشىدۇ - دەپ قارىماقتا. مۇرەككەپ بولغان بۇ تۈزۈلۈش يادرو تۆشۈكچە كومپلېكس تەنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈزۈلۈشنىڭ رولى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئۇ ماددىلارنىڭ سىتوپلازما بىلەن يادرو ئارىلىقىدا ئالمىشىشىغا نىسبەتەن بەلگىلىك كونترول قىلىش رولىنى ئوينىشى مۇمكىن.