UyghurMain Dictionary
ھەججاج
دۇنيا تارىخى
(661 - 714) يەنى تارىختا <ھەججاج زالىم> دەپ ئاتالغان كىشى. ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئىراقتىكى باش ۋالىيسى (694 - 714) ئەسلى تائىف رايونىدىكى بىر مەكتەپتە خەلپەت بولغان. مىلادى 692 - يىلى خەلىپىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قوشۇن تارتىپ مەككىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئاتىۋالغان ئابدۇللا ئىبىن زۇبەير (تەخمىنەن 624 - 692) نى ئۆلتۈرۈپ، ئەرەبىيىگە باش ۋالىي بولغان. 694 - يىلى ئىراققا باش ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە ئىراق ھەمدە شەرقتىكى ئۆلكىلەردە كۆتۈرۈلگەن ئىسياننى باستۇرغان. يېڭى مەركەز ۋاسىتنى قۇرغان. قوشۇن ئەۋەتىپ كابۇل، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايونلارنى ئىستېلا قىلىپ، ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تېررىتورىيىسدىكى ئەمەلىي ھۆكۈمرانغا ئايلانغان. ھوقۇق يۈگۈزگەن مەزگىللىرى يېڭى مالىيە، باج سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مېتال پۇل قۇيدۇرغان؛ قانال قازدۇرغان؛ ئەدەبىيات ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى مۇكاپاتلىغان، شۇنىڭدەك ئەرەپ يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىدە تۇنجى بولۇپ تاۋۇش بەلگىسى ئىشلەتكەن.