UyghurMain Dictionary
ھەيز دەۋرى
بىئولوگىيە
ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئورگانلىرىدىكى ياشلىقىدىن باشلاپ ھەيز توختىغانغا قەدەر يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ دەۋرلىك سويۇلۇپ چۈشۈشى ۋە قاناش ھادىسىسى ھەيز دېيىلىدۇ، ھەيز ئادەتتە ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 28 كۈندە بىر قېتىمدىن قانۇنىيەتلىك ھالدا تەكرار پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئاي كۆرۈش دەۋرى دەپمۇ ئاتالغان. ئاياللاردا 12 - 14 يېشىدىن باشلاپ تۇنجى قېتىملىق ھەيز كۆرۈلۈپ تۇنجى ھەيز دېيىلىدۇ، 40 - 50 يېشىدا ھەيز توختاپ ھەيز كېسىلىش (توختاش) دەۋرى دېيىلىدۇ. ئادەتتە ھامىلدارلىق ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ھەيز توختايدۇ. ھەيز دەۋرىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. (1) ئۆسۈش مەزگىلى. تۇخۇم پۈۋەكچىسى دەۋرى ياكى تۇخۇم چىقىرىشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھەيز دەۋرىنىڭ 4 - 14 كۈنلىرىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ھەيز (ھەر ئايدا 3 - 5 كۈن داۋاملىشىدۇ) ئەمدىلا توختىغان بولۇپ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى قاپلاپ تۇرىدىغان ئېپىتېلىيىسى بولمايدۇ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئىچكى پەردە تولۇقلىنىپ ئۆسىدۇ. بەز نەيچە ئېپىتېلىيىسى ئۆسىدۇ، لېكىن ئاجراتما بولۇپ چىقارمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە قان تومۇرلار تېز سۈرئەتتە تولۇقلىنىپ ئۆسۈپ ئىچكى پەردىنىڭ سىرتقى يۈز قىسمىغا يۆگىلىشىپ جايلىشىدۇ. مۇشۇ مەزگىلنىڭ ئاخىرىدا تۇخۇمدان تۇخۇم چىقىرىشقا باشلايدۇ. (2) ئاجرىتىش مەزگىلى. ھەيز دەۋرىنىڭ 15 - 28 - كۈنلىرىگە توغرا كېلىدۇ، تۇخۇم چىقارغاندىن كېيىنكى تۇخۇم پۈۋەكچىسى سېرىق تەنىچىگە ئايلىنىدۇ، ھەمدە زور مىقداردا پورگېستىن ئاجرىتىپ بالىياتقۇ (ماتكا) ئىچكى پەردىسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىنى، بەزلەرنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر چىقارغان تۇخۇم ئۇرۇقلانمىسا سېرىق تەنە يىگىلەپ گورمونلار بىردىنلا ئازىيىدۇ، بالىياتقۇ قان تومۇرلىرى تارتىشىپ قىسقىرايدۇ، ئىچكى پەردە قان يېتىشمەسلىكتىن چىرىپ ئۆلىدۇ، قان تومۇرلار يېرىلىدۇ. (3) ھەيز مەزگىلى: ھەيز دەۋرىنىڭ 1 - 4 - كۈنلىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئالاھىدىلىكى شۇكى، بالىياتقۇ (ماتكا) ئىچكى پەردىسىنىڭ قېلىنلىغان قىسمى سويۇلۇپ چۈشىدۇ ۋە قان سۇيۇقلۇقىغا ئارىلىشىپ ئېقىپ چىقىپ ھەيزنى شەكىللەندۈرىدۇ. كېيىن ساقلىنىپ قالغان ئىچكى پەردە توقۇلمىسى يەنە قايتىدىن ئۆسۈپ كېيىنكى يېڭى بىر دەۋر باشلىنىدۇ. بالىياتقۇ (ماتكا) ئىچكى پەردىسىنىڭ ئۆزگىرىشى تۇخۇمداندىن ئاجرىتىلغان گورمونلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، بالىياتقۇ (ماتكا) نىڭ پائالىيىتى يەنە ئاستىنقى دۆڭچە مېڭە - گىپوفىز ئاجراتقان گونادوتروپىننىڭ تەڭشىشىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا ھەيز دەۋرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاستىنقى دۆڭچە مېڭە - گىپوفىز تۇخۇمدان ئوقىنىڭ بىر نەچچە خىل گورمونلىرىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.