UyghurMain Dictionary
ھەدىس قۇدسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <مۇقەددەس ھەدىسلەر> دېگەنلىك بولۇپ، ھەدىستە ئاللانىڭ نامى بىرىنچى شەخس سۈپىتىدە زىكرى قىلىنغان بولسا، <قۇرئان كەرىم> نىڭ سىرتىدىكى ئاللانىڭ ۋەھىيسى، دەپ ھېسابلىنىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنداق ھەدىسلەرنى مۇسۇلمان ئۆلىمالار، بولۇپمۇ تەسەۋۋۇپچى شائىرلار كۆپ قوللىنىدۇ. مەسىلەن، <مەن بولسام يوشۇرۇن ئۆيمەن. تونۇلۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇڭا دۇنيانى ياراتتىم>، <مېنىڭ تۈپەيلىمدىن يۈرىكى پارە - پارە بولغان كىشىلەر بىلەن بىللىمەن>، <مۇھەممەدكە بىر قېتىم بەخت تىلىگەن ئادەمگە مەن ئون قېتىم بەخت تىلەيمەن> دېگەندەك ھەدىسلەر.