UyghurMain Dictionary
ھەدە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئۆزىدىن چوڭ ئايال قېرىنداش؛ ئومۇمەن ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ ئاتاش. «ئېگىچە» خىتاب قىلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ.
«ئېگىچە» لوپنۇر دىئاللېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
_ ئاچام ئاچتىن ئۆلگەن، _ دېدى ئايىمخان. ئېگىچە - سىڭىللار ئىناق ئۆتكەي. توختىخان ھەدە ئوڭلۇق ئايال. ھەدەم نەدە، مەن شۇ يەردە. ئايلام بىلدى دېگۈچە، ئالەم بىلدى دېسەڭچۇ. پاتىمە ئاپپاي ھۆرمەتلىك ئايال.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ئاچا، ئېگىچە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«ئاچا Ⅰگە قاراڭ.
ئايشەم ھەدىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى.