Chinese→UyghurMain Dictionary
合瓣花类
Domain: بىئولوگىيەگۈلتاجى بىرلىشىپ ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەر
يەنى گۈل يېپىنچىسى كېيىن ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەر (Metachlamhdeae). قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تۈرى؛ بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلتاجىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بىرىكىپ، ھەرخىل شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، قوڭغۇراقسىمان، نەيسىمان، تىلسىمان، ۋارونكىسىمان، ئۇزۇن پۇتلۇق كېپىنەكسىمان، كالپۇكسىمان قاتارلىقلار، بۇنداق بولغاندا گۈلىنىڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ئورگانلار ئەڭ ئۈنۈملۈك قوغدىنىش ۋە يوشۇرۇنۇشقا ئىگە بولالايدۇ، بۇنىڭ مورفولوگىيىسى گۈلتاجى ياپراقچىسى ئايرىم ئۆسكەن گۈلىنىڭ مورفولوگىيىسىگە قارىغاندا تەرەققىي قىلغان ۋە ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىنىشقا ئىنتايىن ياخشى ماسلاشقان بولىدۇ. گۈل سولاشقاندا گۈلتاجىسىنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ كېتىدۇ؛ گۈل يېپىنچىسى مەڭگۈ ئىككى قات بولىدۇ. گۈلتاجى بىرلىشىپ ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەر بار. مەسىلەن، تاتلىق ياڭيۇ، ياڭيۇ، ئاپتاپپەرەس، تاماكا، ھەرخىل قوغۇن - قاپاقلاردىن كاۋا، تاۋۇز قاتارلىقلار.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.