Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھىدروگېنلىق باغ
بىئولوگىيە
氢键
qīngjiàn
بىرىكمىدىكى ھىدروگېن ئاتومىنىڭ ئوخشاش بىر مولېكۇلىدىكى ياكى باشقا بىر مولېكۇلىدىكى ئېلېكتر مەنپىيلىكى كۈچلۈكرەك بولغان ئاتوملار (مەسىلەن، F.N قاتارلىق) ئارىسىدىكى ئېلېكترستاتىك تارتىشىش بىلەن ھاسىل بولغان بىر خىل خىمىيىلىك باغدۇر. ئېلېكتر مەنپىيلىككە ئىگە بولغان بۇ خىل ئاتومدا چوقۇم جۈپ ئېلېكترون ياي بولىدۇ. ھەمدە ئاتوم رادىئوسى نىسبەتەن كىچىكرەك بولىدۇ. ھىدروگېنلىق باغ، باغ ئېنېرگىيىسى ئومۇمەن ئىئونلۇق باغدىن كىچىك، ۋاندېرۋالس كۈچىدىن چوڭ بولىدىغان ئاجىز باغقا كىرىدۇ. ئۇ يۆنىلىشچانلىق ۋە تويۇنۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ. HN < (ئىمىنو رادىكالى)، C = 0 > (كاربونىل رادىكالى)، OH - (گىدروكسىل رادىكالى)، پولى پېپتد زەنجىرلىرى ئارىلىقلىرىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىلقلىرى يېقىنلىغان ۋاقتىدا كاربونىل ۋە ئىمىنو رادىكاللىرى گىدروكسىل ۋە كاربوكسىل رادىكاللىرى ئارىلىقلىرىدا ھىدروگېنلىق باغ ھاسىل بولىدۇ. يادرو كىسلاتاسىدىكى جۈپ تۈزىدىغان ئىشقار رادىكاللىرى G - C, A - T, A - U لارنىڭ ئارىلىقلىرىدا ھىدروگېنلىق باغ ھاسىل بولىدۇ. بۇ باغلار مولېكۇلىلارنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى تۇراقلاشتۇرۇپ تۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
فىزىكا
氢键
qīng jiàn