Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھىدې
دۇنيا تارىخى
海得
hǎi dé
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيە ئەركىن دېھقانلىرىنىڭ ئۈلۈشلۈك يېرى، تۈتۈن يېرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئانگلو - ساكسونلار برىتانىيە ئارىلىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن جايلار بويىچە يېزا كوممۇنىسى تەشكىل قىلىنغان، ھەربىر تۈتۈن ئەركىن دېھقان بىر ئۈلۈش يەرگە ئىگە بولغان، بۇ ھىدې دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ كۆلىمى ئادەتتە 120 ئىنگلىز موسى (تەخمىنەن 4956 ئار) بولغان. دەسلەپتە ئۇنى سېتىشقا ياكى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان، يەر ئالغۇچىلار خەلق قوشۇنى تەشكىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئۆزى قورال - ياراق تەييارلىغان، بىردىن ئەسكەر چىقىرىپ بېرىشكە توغرا كەلگەن. Ⅹ ئەسىرگە كەلگەندە، ئەركىن دېھقانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يەرلەر ئومۇمەن 30 ئىنگلىز موسى (تەخمىنەن 1214 ئار) غا قىسقارغان. Ⅺ - ⅢⅩ ئەسىرلەردە دۆلەتنىڭ باج ئېلىشتىكى ھېسابات بىرلىكى قىلىنغان