Chinese→UyghurMain Dictionary
哈伊杜克运动
Domain: دۇنيا تارىخىخايدۇك ھەرىكىتى
ⅨⅩ ئەسرنىڭ باشلىرى بۇلغارىيە خەلقنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق كۈرىشى. ⅧⅩ ئەسرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇلغارىيە خەلقى تاغ ئارىسىدا تەشكىللەنگەن قوراللىق قوشۇن خايدوك دەپ ئاتالغان. بۇ قوشۇنغا دېھقانلار، سودىگەرلەر ۋە ھۈنەرۋەن - كاسىپلار قاتناشقان. خايدۇك تەرەپ - تەرەپكە بېرىپ ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيە فېئوداللىرىغا زەربە بېرىپ، خەلقنى قوغدىغان. مەشھۇر قوماندانلاردىن ستراخىل، كاراتاناس قاتارلىقلار ۋە ئايال قوماندان سىرما قاتارلىقلار رەھبەرلىك قىلغان. خەلق خايدۇكنى ئۆزلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قارىغان. ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن بەزى خەلق ناخشىلىرىدا ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرى مەدھىيلىگەن.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.