UyghurMain Dictionary
ھاۋا كلاپانى
بىئولوگىيە
<ھاۋا تۆشۈكى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ بىر خىل نەپەسلىنىش ئاپپاراتى بولغان كاناينىڭ تەن دىۋارىدىن ئېچىلغان ئېغىزى. ھاشاراتلار سىنىپىدىكىلەرنىڭ ھاۋا تۆشۈكىنىڭ تۈزۈلۈش تىپلىرى ناھايىتى كۆپ، بەزىلىرى ناھايىتى ئاددىي، پەقەت بىر ئاددىي ئېغىزدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۆزى ئېچىلىپ يېپىلالمايدۇ؛ كۆپ ساندىكى ھاشاراتلارنىڭ كانىيىنىڭ ئېغىز تەن دىۋارىدىكى بىر ئويمانچاققا ئېغىز ئاچقان بولۇپ، ئويمانچاق ھاۋا كلاپان بوشلۇقى، سىرتىغا ئېچىلغان ئېغىزى ھاۋا كلاپان ئېغىزى دېيىلىدۇ. ئادەتتە ئۇنىڭ ئېچىلىپ يېپىلىشىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان تۈزۈلۈشلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى پارچە كالپۇكسىمان سۆڭەك پلاستىنكىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا تۇتاشقان مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشى نەتىجىسىدە ئېچىلىپ يېپىلالايدۇ. بەزىلىرىنىڭ كالپۇكسىمان كلاپانى بولماستىن پەقەت ئېچىلىپ - يېپىلىشىنى باشقۇرىدىغان مۇسكۇللار بولىدۇ. ھاۋا كلاپانى قۇرت تېنىدىكى سۇنىڭ پارلىنىشى ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈشىدە تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ، ئۆتۈشۈش مىقدارىنى تەڭشەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يۆنىلىشنىمۇ كونترول قىلالايدۇ. مەسىلەن، چېكەتكىنىڭ جەمئىي ئون جۈپ ھاۋا كلاپانى بولۇپ، كۆكرەك قىسمى ۋە ئالدىنقى قورساق قىسمىنىڭ ئاخىرقى تەرىپىدىكى ئالتە جۈپتىن ھاۋا چىقىپ، گاز ئېقىمى ئالدىدىن كەينىگە قاراپ ئاقىدۇ. ھاۋا كلاپانى يەنە چاڭ - توزانلارنىڭ كىرىشىنى توسىدۇ. ھاۋا كلاپانىنىڭ ئورنى ۋە سانى تۈرلەرگە قاراپ ئوخشاشمايدۇ؛ ھاشاراتلارنىڭ كۆپىنچە ئوتتۇرا كۆكرەك ئارتقى كۆكرەك ۋە قورساق قىسمىنىڭ ئىككى يېنىدا، ئاز بولغاندا ئاران ئىككى جۈپ، كۆپ بولغاندا 11 جۈپكىچە بولىدۇ؛ كۆپ پۇتلۇقلار سىنىپىدىكىلەرنىڭ ھاۋا كلاپانى كۆپىنچە ھەرقايسى بوغۇملىرىنىڭ يان تەرىپىدە بولىدۇ؛ ئۆمۈچۈكسىمانلار سىنىپىدىكى ئۆمۈچۈكنىڭ بولسا، قورساق قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىنىڭ ئارقا ئۇچىنىڭ مەركىزىدە بىر ھاۋا كلاپانى بولىدۇ.