Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھاشاراتخورلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
食虫目
shíchóngmù
ھەقىقىي ئېمىتكۈچىلەر كەنجى سىنىپىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي، قەدىمكى بىر ئەترەت. تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى يۇقىرى بور دەۋرىدىكى يەر قاتلاملىرىدىن تېپىلغان. ئىندىۋىدلىرى ئادەتتە كىچىكرەك، تومشۇق قىسمى ئىنچىكە، ئۇچلۇق، ھەرىكەتچان بولۇپ، ھاشارات يېيىشكە ماسلاشقان. تۆت پۇتى قىسقا، بەش بارماقلىق، ئىلمەك تىرنىقى بولۇپ، توپا كولاشقا ماسلاشقان. چىشىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىپتىدائىيراق بولۇپ، دىففېرېنسىيىلىنىشى ئېنىق ئەمەس، تىپتىكىلىرىنىڭ 44 چىشى بولۇشى كېرەك بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتە بۇنىڭدىن ئاز بولۇپ، ھەممىسى قايتا چىقىدىغان چىشلار. چوڭ مېڭىسى كىچىك، تېخى مېڭە پۈرمىلىرى يوق، ھاشارات ۋە لۆم - لۆم قۇرتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. شۇڭا شۇنداق ئاتالغان. ھەممىسى كېچىسى ھەرىكەتلىنىدىغان ھايۋانلار (توپاي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا) ھېسابلىنىدۇ. خاراكتېرى قورقۇنچاق، يەر ئۈستىدە ياكى يەر ئاستىدا ياشايدۇ. ئاۋسترالىيە ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدىن باشقا پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان. ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ نىسبەتەن ئىپتىدائىيراق بولغان مېنسوئىفلا (Menoeyphls) نىڭ، بارماق سۆڭەكلىرى بىرلەشكەن ھەم ئۇزۇن چاناق كەينى ئۆسمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بىر كۆز چاناق ھالقىسىنى شەكىللەندۈرگەن (مەسىلەن، توپاي)؛ نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان لىپوتىفلا (Lipotyphla) نىڭ بارماق سۆڭەكلىرىنىڭ تۇتىشىشى ئاز، ياكى تۇتاشمايدۇ، چاناق كەينى ئۆسمىسى تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، چاناق ھالقىسى شەكىللەندۈرمىگەن (مەسىلەن، كىرپە ئائىلىسى، قارىغۇ چاشقان ئائىلىسى ھەم يەر قازارلار ئائىلىسىدىكى تۈرلەر) قارىغۇ چاشقان ئائىلىسىدىكى ئىپار قارىغۇ چاشقىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدىغان ھايۋان.