UyghurMain Dictionary
ھارامتاماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەمگەكنى سۆيمەيدىغان، ئەمگەك قىلماي تەييارغا ھەييار بولىدىغان.
ئەمگەكچان، مېھنەتكەش
ئەمگەك - مېھنەتنى سۆيىدىغان.
بەخت تاپاي دېسەڭ، ئەمگەكچان بول. مېھنەتكەش بولساڭ، بەخت تاپىسەن. تەييارتاپنىڭ بۆرىكىنى ماي قاپلار. ھارامتاماق ئاغرىقتىن كۆز ئاچماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ئەمگەك قىلماي، بىكار يۈرۈپ تەييارنى يەيدىغان.
ئۇ نانقېپىلارنى كۆزۈمدىن يوقات! ئاقنانچىغا كۈندە ھېيت. تىرىكتاپنىڭ يۈرىكىنى ماي قاپلار. مۇت ھاراق ھارامتاماقنىڭ. ھەممە يامانلىق ھارامتاماقلىقتىن تارقار. بىكار تەلەپ ئاسانلا چۈشكۈنلىشىدۇ. ئۇ شۇنداق قاچا بوشىتىدىغان نېمە.