UyghurMain Dictionary
ھارام بولماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يېگىلى، ئىچكىلى بولمايدىغان بولۇپ قالماق، ھارام قاتارىغا ئۆتمەك.
قوي ھارام بولماق.
بىكارغا كەتمەك، يوققا چىقماق، نېسىپ بولماسلىق.
شۇنداق قىلىپ، بىزگە ئۈچ كۈنلۈك ھېيت ھارام بولدى.
يىرگىنچلىك، ئازابلىق تۇيۇلماق.
- ئاكىلار! مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىپسىلەر، بۇ شەھەر ئەمدى بىزگە ھارام بوپتۇ، بۇ يەرنى تاشلاپ باشقا يەرگە كېتەيلى، - دەپتۇ كەنجى ئوغۇل.