Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھاپىز شىرازى
دۇنيا تارىخى
哈菲兹
hā fēi zī
(1300 - 1389) پېرسىيىلىك شائىر، ئىسپاھاندا تۇغۇلغان. كېيىن شىرازغا كۆچۈپ كەتكەن. ئىلگىرى نامراتچىلىقتا ئۆتكەن. لېكىن ئەقىللىق ئادەم بولغان. <ھاپىز> نىڭ مەنىسى <قۇرئان> نى پىششىق يادقا بىلىدىغان <ئادەم> دېگەنلىك. پارس تىلىدا ئەسەر يازغان، 500 كۇپلېتتىن ئوشۇق لىرىكىلىق شېئىرى بولۇپ، مۇھەببەت ۋە شېرىن مەي - شارابنى مەدھىيىلەپ، زاھىدلىققا قارشى تۇرۇپ، ھۆكۈمران سىنىپ ۋە راھىبلارنىڭ شەپقەتسىرلىكى، ساختىلىقىنى پاش قىلغان. شېئىردىكى ھېسسىيات ساپ، سەمىمىي، يارقىن، تىلى ئاددىي ۋە پاساھەتلىك بولۇپ، ئىپادىلەش كۈچىگە باي. شۇڭا ھاپىزشىرازىنىڭ شېئىرلىرى پارس كلاسسىك لىرىكىلىق شېئىرلىرىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ قارالغان.