Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھانزا ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
汉萨同盟
hàn sà tóng méng
ⅣⅩ - ⅦⅩ ئەسىرلەردە گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەردىن لۇبېكنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان سودا ۋە سىياسىي ئىتىتپاق. گېرمان تىلىدا Hansa ياكى Hanse دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <ئۇيۇشما>، <جەمئىيەت> دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئىتتىپاق 1367-يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭغا قاتناشقان شەھەرلەر 70 نەچچە، كۆپ بولغاندا 160 قا يەتكەن. بۇلاردىن ئاساسلىقلىرى لۇبېك شەھىرىدىن باشقا يەنە ھامبۇرگ برېمېن، شىترا لىزۇند شەھەرلىرى بار. مەزكۇر ئىتتىپاق برۇگگې (نىدېرلاندىيىدە)، نوۋگورود (روسىيىدە)، لوندون، بېرگېن (نورۋېگىيىدە) قاتارلىق شەھەرلەردە سودا پونكىتلىرىنى قۇرغان. شىمالىي دېڭىز ۋە بالتىق دېڭىزىنىڭ سودا - سېتىقىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، فلاندىيە، ئەنگلىيە، شىمالىي گېرمانىيىلەرنىڭ سوكنولىرىنى، ئوتتۇرا ياۋروپا، ئەنگلاخيە، سىكاندىناۋىيىلەرنىڭ مېتال بۇيۇملىرىنى، شىمالىي گېرمانىيە، فرانسىيىنىڭ غەربىي دېڭىز بويلىرىنىڭ تۇزلىرىنى، شەرقىي ياۋروپانىڭ يۇڭ - تېرە ۋە شاملىرىنى ئېلىپ ساتقان. مەزكۇر ئىتىتپاقنىڭ قوراللىق قىسىملىرى، دېڭىز فلوتى ۋە خەزىنىسى بولۇپ، سىرتقا قارىتا ئۇرۇش ئېلان قىلىش، سۈلھ قىلىش ۋە شەرتنامە تۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. 1370-يىلى، دانىيىنى مەغلۇپ قىلپ، ئۇنىڭ بىلەن <شىتىرالدۇىت سۈلھ شەرتنامىسى> تۈزگەن. ئىتتىپاقنىڭ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ھاكىمىيىتى شەھەر ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅤⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى كەسەبە ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شەھەر ئاقسۆڭەكلىرىگە قارشى قوزغىلىڭى يۈز بېرىپ باستۇرۇلغان. ئەنگلىيە، نىدېرلاندىيە ۋە سكاندىناۋىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە سودا - سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشى ھەم يېڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ ⅤⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئىتىتپاق زەئىپلىشىشكە يۈزلەنگەن. 1669-يىلى پارچىلىنىپ كەتكەن.