Uyghur←ChineseMain Dictionary
ھامبۇرگ قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
汉堡起义
hàn bǎo qǐ yì
گېرمانيىدىكى ھامبۇرگ ئىشچىلىرىنىڭ تېلمان رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بارغان قوراللىق قوزغىلىڭى. 1923-يىلى 1-ئايدا فرانسىيە، بېلگىيە قوشۇنلىرى رۇرنى بېسىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيىدە ئىنقىلابىي ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ساكسۇنىيە بىلەن تۇرىنگىيەدە كوممۇنىستلار قاتناشقان ئىشچىلار ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان. بۇرژۇئا مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرغان. گېرمانىە كومپاترىيىسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئىش تاشلاشنى ۋە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلان ھامبۇرگ ئىشىچلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ بىرىنچى بولۇپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ساقچى ئىدارىسىنى ئىگىلىگەن ھەمدە بارىكادا قۇرۇپ، ئەكسىيەتچى ھەربىي - ساقچىلار بىلەن كەسكىن ئېلىشقان. لېكىن بۇ چاغدا گېرمانىيە كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنى تىزەىنلەپ تۇرغان براندېل جايلارغا قوزغىلاڭنى بىكار قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھامبۇرگ ئىشىچلىرىنى ياردەمچىسىز يېتىم ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقتىن، قوزغىلاڭچىلار 10-ئاينىڭ 25-كۈنى جەڭ مەيدانىدا چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە تۆۋەن دولقۇنغا چۈشۈپ قالغان.