UyghurMain Dictionary
ھاجىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توسۇق، قاش.
توسۇپ تۇرغۇچى؛ دەرۋازىۋەن، ئىشىك قاراۋۇلى، ئىشىك ئاغىسى؛ پەردىدار:
قۇياش نۇرى ناگاھ ئەسەر ئەيلەدى،
كى ھاجىب بۇ يەڭلىغ خەبەر ئەيلەدى.
ئا. نىزارى، ن. زىيائ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياپقۇچ، پەردە، توسقۇچ؛ ئىشىك باقار، دەرۋازىۋەن، پەردەدار؛ قاش: ھاجىب ئولماق - توساق بولماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھاجىپ
قاش (ئادەمنىڭ قېشى)