Chinese→UyghurMain Dictionary
海乌德
دۇنيا تارىخى
ھايۋود
(1869 - 1928) ئامېرىكا ئىشچىلار ھەرىكىتى يولباشچىلىرىدىن بىرى. يۇتا شتاتىدىكى توزلۇق كۆل دېگەن يەردە تۇغۇلغان، 15 يېشىدا كان ئىشچىسى بولغان. 1901 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە كىرگەن، سول قاناتلاردىن بولغان. 1905 - يىلى دۇنيا سانائەت ئىشچىلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچى يولباشچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، زورلۇق كۈچ ئىشلىتىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ كارامەت ياخشى تەشكىلاتچى، تەرغىباتچى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ غەربىدە شۆھرەت قازانغان. لېكىن ئۇنىڭدا ئانارخوسىندىكالىزم خاھىشى بولغان. 1912 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن پارتىيىدىن ئايرىلىشقا مەجبور بولغان. 1920 - يىلى ئامېرىكا كومپارتىيىسىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جاھانگىرلىك خاركتېرىنى پاش قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ، 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. 1921 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ بارغان، كېيىن موسكۋادا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.