Chinese→UyghurMain Dictionary
海斯
دۇنيا تارىخى
ھايېس
(1) روتېرفورد بىرچارد ھايېس (1822 - 1893). ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1877 - 1881). ئوھىئو شتاتىدا تۇغۇلغان. 1843 - يىلى كايىنئېن شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن، ئادۋوكات بولغان. ئامېرىكىدىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە قوشما شتات قىسىملىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1865 - يىلى پارلامېنتقا سايلانغان. جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ جەنۇبنى يېڭىۋاشتىن گۈللەندۈرۈش پىلانىنى قوللىغان. 1867، 1869، 1875 - يىللىرى ئۈچ قېتىم ئوھىئو شتاتىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان، 1876 - يىلى بىر ئاۋاز ئارتۇق بولۇش بىلەن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جەنۇبتا تۇرۇشلۇق قوشما شتات قىسىملىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەن. جەنۇبقا قارىتا ئەپلىشىش سىياسىتىنى قوللانغان. 1877 - يىلى ھەيئەت تەشكىل قىلىپ نيۇ - يورك تاموژنىسىنىڭ خىيانەتچىلىك - پارىخورلۇق دېلوسىنى تەكشۈرۈپ، نيۇ - يورك تاموژنا باش تەپتىشى ۋە باش باج ئەمەلدارىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ ياخشى باھاغا ئىگە بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن پارلامېنتنىڭ جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلغان ھەمدە جۇڭگوغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كۆچمەنلەر شەرتنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزگەن. ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن، خەير - ئېھسان ئىشلىرىنى بېرىلىپ ئىشلىگەن. (2) ۋالتېر رۇدۇلف ھېسىس (1881 - 1973). شۋېتسارىيىلىك فىزىك. فراۋ ئېنفېلددا تۇغۇلغان. 1906 - يىلى سىيۇرىخ داشۆسىدە تېببىي پەن دوكتورى بولغان. ئالتە يىل كۆز دوختۇرلۇق خىزمىتىنى ئىشلىگەن، 1917 - 1951 - يىللىرى سىيۇرىخ داشۆسىدە پروفېسسور ۋە فىزىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1907 - يىلى ۋىسكومېتىرنى كەشىپ قىلغان، 1911 - يىلى ئالغايلىقنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى كەشىپ قىلغان. مېڭىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنىڭ ئەزالارنى تىزگىنلەش بىلەن بولغان ئالاقىسى جەھەتتە مۇھىم تۆھپە قوشقان. 1949 - يىلى پورتۇگالىيىلىك مونىز بىلەن بىرلىكتە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى تېببىي پەن مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
海斯〈独联体〉
hǎi sī
خېيسا
hǎi sī
خېيسا
hǎi sī
خېيسا