UyghurMain Dictionary
ھايىندمان
دۇنيا تارىخى
(1842 - 1921) ئەنگلىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى. ياشلىقىدا كىمبرىچ 1 - مارت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. كېيىن مۇخبىر بولغان. 1881 - يىلى دېموكراتلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1884 - يىلى بۇ ئىتتىپاقىنىڭ نامى سوتسىيال - دېموكراتلار ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1911 - يىل ئەنگلىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ پارتىيە تارقىلىپ كەتكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن بىر بۆلەك ئەزالىرى ئەنگلىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1920 - يىلى يەنە باشقىدىن سوتسىيال دېموكراتلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان. ھايىندمان باشتا ئۆزىنى ماركسىزمنىڭ ئېتىقادچىسىمەن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كاپىتالىزمنىڭ ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلىش تەلىماتىنى تەرغىپ قىلغان، كەمبەغەللىكنىڭ ئۆزى ئىنقىلابنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىقتىسادىي بوھران كاپىتالىزمنىڭ ئۆزلۈكىدىن يىمىرىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ دەپ قارىغان. شۇڭلاشقا ئىشچىلار ھەرىكىتىگە سەل قارىغان. ھايىندماننىڭ <سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي نېگىزى>، <سوتسىيالىستىك ئىقتىسادشۇناسلىق> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.