Chinese→UyghurMain Dictionary
海尔布隆纲领
دۇنيا تارىخى
ھېيلبرون پروگراممىسى
1524 - 1525 - يىللىرىدىكى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فرانكونىيە رايونىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن 1525 - يىلى 5 - ئايدا ھېيلبرون شەھىرىدە (ھازىرقى شتات گېرمانىيىدىكى بادېن ۋيور تېمىبېرگ شتاتىدا) تۈزگەن جەڭگىۋار پروگرامما. ئۇنىڭدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىنغان: بارلىق ھاكىمىيەت كورۇلغا بويسۇنۇش، بەگلەر ئىمپېرىيىنىڭ خىزمەتچى خادىمى بولۇش، مىسسىئونېرلارنى دەھرىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش؛ تەبىقە بويىچە ۋەكىل كۆرسىتىپ، پۈتۈن ئىمپېرىيە بويىچە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى قۇرۇش؛ پۇلنى ۋە ئۆلچەمنى بىرلىكە كەلتۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چېگرا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ دېھقانلارنى يۇقىرى تۆلەم تۆلەش يولى بىلەن فېئوداللىق مەجبۇرىيەتتىن خالاس قىلىش؛ چېركاۋنىڭ يەر - مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە باشقىلار. بۇ پروگرامما شەھەر ئاھالىسىنىڭ قوزغىلاڭدىن پايدىلىنىپ ئۆز سىنىپىنىڭ مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن نامرات دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە قارىماي، رىتسارلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشتىن باش تارتمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ (تەبىقە تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ۋە چېركاۋنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىش رىتسارلاغا پايدىلىق ئىدى).