Chinese→UyghurMain Dictionary
海地革命
دۇنيا تارىخى
گايتى ئىنقىلابى
گايتى خەلقىنىڭ فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش يولىدىكى ئىنقىلابى. 1789 - يىلىدىكى فرانسىيەدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، 1790 - يىلى گايتىدىكى نېگىرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئارىلاش قانلىقلار ۋە ئەركىن نىگېرلار ئالدى بىلەن كۈرەش قوزغىغان. لېكىن ئۇ باستۇرۇلغان. 1791 - يىلى 8 - ئايدا نىگېرلار قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، توسىسېن لوۋېرتۇرېنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرىنى 1794 - يىلىنىڭ بېشىدا قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش پەرمانىنى جاكارلاشقا مەجبور قىلغان. 1794 - 1798 - يىللىرى يەنە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ئىسپانىيە ۋە ئەنگلىيە قوشۇنلىرى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1801 - يىلى پارلامېنت يىغىنى چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇننى جاكارلىغان، ئاپتونومىيە ئېلان قىلغان، قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلغان. 1802 - يىلى ناپولېئون فرانسىيە قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغاندا قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەتئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئىككىنچى يىلى توسىسېن لۇۋېرتۇرې فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن؛ گايتى خەلقى داۋاملىق جەڭ قىلىپ، 3180 - يىلى 11 - ئايدا بارلىق فرانسىيە ئەسكەرلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. 1804 - يىلى 1 - ئايدا گايتى مۇستەقىللىك ئېلان قىلغان. گايتى ئىنقىلابىي لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېچىپ، ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە تۇنجى مۇستەقىل نېگىرلار دۆلىتىنى قۇرغان بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.