Chinese→UyghurMain Dictionary
海胆纲
بىئولوگىيە
ئېخىنويدېيە سىنىپى
دېڭىز كىرپىسى سىنىپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تىكەن تېرىلىك ھايۋانلاردىكى بىر سىنىپ، بەش بارمىقى ئېغىز ئەكس تەرىپىگە قايرىلىپ، ئۆزئارا بىرلىشىپ مەركىزىي تەخسە بىلەن بارماقچە ئايرىمىسى بولمىغان يېرىم شار، يۈرەك ياكى نېپىز دىسكا شەكلىنى ھاسىل قىلغان. بەدەن سىرتىدا مېردىئان سىزىقىنى بويلاپ تىزىلغان 20 قاتار سۆڭەك پلاستىنكىلىرىنىڭ ئۆز ئارا كىرىشىشىدىن شەكىللەنگەن قاپچۇقى (پوستى) بولىدۇ. قاپچۇقى ئون رايونغا بۆلۈنىدۇ. ھەر ئىككى قاتار سۆڭەك پلاستىنكىسى بىر رايوننى ھاسىل قىلغان. بەش رايونى سەل تارراق، سۆڭەك پلاستىنكىرىدا كىچىك تۆشۈكلەردىن ئۇزىراپ چىقىدۇ. بۇ رايونلار ئۇزۇن يول رايونى دېيىلىدۇ. قالغان بەش رايونى كەڭرەك بولۇپ ئارىلىق ئۇزۇن يول رايونى دېيىلىدۇ. ئۇزۇن يول رايونلىرى بىلەن ئارىلىق ئۇزۇن يول رايونلىرى نۆۋەتلىشىپ تىزىلغان. قاپچۇقىنىڭ يۈزىدە ھەرىكەتلىنەلەيدىغان ئۇزۇن تىكەنچىلىرى بولۇپ، دېڭىز كىرپىسى نەيچە پۇتلىرى ۋە ئۇزۇن تىكەنچىلىرىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. تەبىئىي ھالەتتە ئېغىز تەرىپى تۆۋەنگە قاراپ تۇرىدۇ، ئېغىزى ئېغىز ئەتراپى پەردىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئانۇسى ئېغىز ئەكسى تەرىپىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىدا بەش دانە كۆز پلاستىنكىسى ۋە بەش دانە كۆپىيىش پلاستىنكىسى (بۇنىڭ بىرسى غەلۋىر پلاستىنكىغا بىرىكىپ كەتكەن) بولىدۇ. دېڭىز كىرپىلىرى يىللىق دېڭىزلارنىڭ ئاستىنى ماكان تۇتۇپ ياشايدىغان تۈركۈم بولۇپ، قىيا تاش ۋە مارجان خادا تاشلىرىنىڭ تېگىدە ھايات كەچۈرىدۇ. ئۆسۈملۈكخور تۈرلىرى ئاساسەن دېڭىز يۈسۈنلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ. بولۇپمۇ دېڭىز يۈسۈنلىرىنىڭ مايسىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ؛ گۆشخور تۈرلىرى كىچىك ھايۋانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇلاردىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرى 600 تۈر ئەتراپىدا بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىن 60 - 70 تۈرى تېپىلدى، تېزەكسىمان دېڭىز كىرپىسى ۋە سۆسۈن دېڭىز كىرپىسى كۆپ ئۇچرايدۇ. دېڭىز كىرپىسىنىڭ تۇخۇمىنى ئىستېمال قىلىشقا، قاپچۇق (پوستى) نى ئوغۇت قىلىشقا بولىدۇ، بەزى تۈرلىرى - لامىنارىيە ياكى چۈندەيسەيلەرنىڭ يۇمران مايسىلىرىنى ياخشى كۆرۈپ يېگەچكە دېڭىز يۈسۈنلىرى باقمىچىلىقىغا زىيان سالىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
hǎi dǎn gāng
دېڭىز كىرپىسى سىنىپى