UyghurMain Dictionary
ھاياما يۇشىكى
دۇنيا تارىخى
(1894 - 1945) ياپونىيىلىك رومانچى. ۋاسىدا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغان. ماتروس، مۇخبىر بولغان ۋە ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ" تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدە <ئىپپىتىنى ساتقان ئايال> ھېكايىسىنى، <دېڭىزدا ياشىغۇچىلار> رومانىنى يازغان، كېيىن سول قانات تەشكىلاتنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت سېپىگە قاتنىشىپ، <لاي سۈرگۈچى كېمە>، <ھىندى كەشى> قاتارلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ناگانو، گىفۇر ناھىيىلىرىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا كۆچۈپ بېرىپ، ئىجادىيە بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، بوز ئاچقۇچىلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىغا كەلگەن. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن مەملىكىتىگە قايتىش سەپىرىدە جۇڭگونىڭ دېخۇي ۋوگزالىنىڭ يېنىدا ۋاگون ئىچىدە كېسەل بىلەن ئۆلگەن. كېيىن ئالتە توملۇق <ھاياما يۇشىكى ئەسەرلىرى> نەشىر قىلىنغان.