UyghurMain Dictionary
ھافور پروگراممىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ پروگراممىسى. مەزكۇر پارتىيە 1879-يىلى مارسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن سوتسىيالىستلاr ۋەكىللىرى يىغىنىدا قۇرۇلغان. پارتىيە رەھبەرلىرى گېئودې بىلەن لافارگ مەزكۇر پروگراممىنى ماركس ۋە ئېنگېلسنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈپ چىققان، 1880-يىلى 11-ئايدا ھافوردا ئۆتكۈزۈلگەن فرانسىيە ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان. پروگرامما نەزەرىيە قىسمى ۋە ئەمەلىيەت قىسمى (ياكى ئەڭ تۆۋەن پروگرامما دەپ ئاتىلىدۇ) دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. ماركس نەزەرىيە قىسمىدىكى ئاغزغاكى ئېيتىپ بەرگەن كىرىش سۆزىدە، پرولېتارىياتنىڭ مۇستەقىل پارتىيىسىنى قۇرۇپ ۋە پرولېتارىياتنىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكىتى ئارقىلىقلا ئىشلەپچقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتكە مەنسۇپ بولۇپ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەپ كۆرسىتىلگەن. لېكىن، پروگرامما پارتىيە ئىچىدىكى مالون، بروس باشچىلىقىدىكى ئاغمىچىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.