Chinese→UyghurMain Dictionary
哈尔克岛
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەرخارك ئارىلى
پېرسىيە (ئەرەب) قولتۇقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا قايلاشقان تاشلىق كىچىك ئارال. ئۇ ئىرانغا تەۋە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 64 كىلومېتر، كەڭلىكى 3.2 كىلومېتر، يەر مەيدانى 49 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يېرى 87 مېترغا يېتىدۇ. ئىران دېڭىز قىرغىقىدىن خارك ئارىلىغىچە بولغان ئارىلىقى 40 كىلومېتر كېلىدۇ، بۇ ئارالدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت پورتى بار، نېفىت دېڭىز ئاستى تۇرۇبا ئارقىلىق مۇشۇ پورتقا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بۇ پورت يىلىغا 200 مىليون توننا نېفىتنى ئېكسپورت قىلالايدۇ، ئارالدا خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەش، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گاز قاتارلىق نېفىت - خىمىيە سانائەت ئورۇنلىرى بار.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.