Chinese→UyghurMain Dictionary
哈第
Domain: دۇنيا تارىخىخارديې
(1856 - 1915) ئەنگلىيە ئىشچىلار ھەرىكىتنىڭ ئوڭ قانات ئەربابى، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئوڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياش - ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا كان ئىشچىسى بولغان. كېيىن گېزىت - ژۇرناللاردا باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1892-يىلى تۆۋەن پالاتانى ئەزالىقىغا سايلانغان. شوتلاندىيە ئىشچىلار پارتىيىسى، ېيبورىستلار پارتىيىسى ۋە ئەنگلىيە لېيبورىستلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. پارلامېنت يولى ئارقىلىق سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا تىنچلىقپەرۋەرلىكنى تەرغىپ قىلغان. ئۇرۇش پارتلىنغاندىن كېيىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى قوللاپ، ئاشكارا ھالدا سوتسىيال شوۋىنىزملىق مەيداندا تۇرغان. <ھىندىستان توغرىسىدىكى تەسىرات ۋە ھېسسىياتىم> ناملىق ئەسىرى بار.
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.