Chinese→UyghurMain Dictionary
哈代
Domain: دۇنيا تارىخىخاردى
(1840 - 1928) ئەنگلىيە يازغۇچىسى ھەر شائىرى. كىچىكىدىن تارتىپلا ئاتا - ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ئەدەبىيات ۋە مۇزىكىغا قىزىققان. ياش ۋاقتىدا ياردەمچى ئارخېتېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە كاپىتالىستىك شەھەر مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن فېئودال پاترىئارخاللىق تۈزۈمىدىكى يېزا تۇرمۇشنى غايىۋىلەشتۈرگەن. كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە رېئالىزملىق تەركىب كۈچەيگەن بولۇپ، خەلقنىڭ نامرات تۇرمۇشىغا بەكمۇ ھېساشلىق قىلىنغان، كاپىتالىزمنىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت ھەم ئەخلاق پەزىلىتى ئەيىبلەنگەن. مۇھىم ئەسەرلىرىدىن <يۇرتىغا قايتىش>، <كاستچا شەھىرىنىڭ باشلىقى>، <ئورمانلىقتىكى ئاھالە>، <تېس> ۋە <نامسىز چۇد> قاتارلىق رومانلىرى ھەمدە <ھۆكۈمران> ناملىق شېئىرىي درامىسى بار.
Domain: ئىستېتىكاhā dài
ھاردى
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.