UyghurMain Dictionary
گېئولوگىيىلىك دەۋر جەدۋىلى
بىئولوگىيە
يەر پوستىدىكى ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەدىكى تاشلارنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنىڭ ۋاقتى ۋە تەرتىپى ھېسابلا چىقىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: بىر خىلى، تاش تەركىبىدىكى رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپلارنىڭ يېمىرىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، تاشنىڭ ھاسىل بولغاندىن باشلاپ بۈگۈنگىچە بولغان يېشىنى بېكىتىش، بۇ مۇتلەق گىئولوگىيىلىك ئېرا دەپ دەپ ئاتىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، قەدىمكى جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە تاشنىڭ شەكىللىنىش تەرتىپىگە ئاساسەن، يەر پوستى تارىخىنى جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان بىرقانچە تەبىئىي باسقۇچلارغا بۆلۈش، بۇ نىسپىي گېئولوگىيىلىك ئېرا دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، جانلىقلارنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىغا ئاساسەن، نىسپىي گېئولوگىيىلىك دەۋر كونىدىن يېڭىغا قاراپ بەش ئېراغا بۆلۈنىدۇ. يەنى ئارخېئوزوي ئېراسى، پروتېروزوي ئېراسى، پالېئوزوي ئېراسى، مېزوزوي ئېراسى ۋە كاينوزوي ئېراسى. ھەر بىر ئېرا يەنە بىر قانچە دەۋرگە (period) بۆلۈنىدۇ