UyghurMain Dictionary
گۋىئانا ئىسلام بىرلەشمە باش ئۇيۇشمىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
گۋاىئانادىكى ئاساسلىق ئىسلام دىنى تەشكىلاتى بولۇپ، بۇنى 1936 - يىلى داموللا شەمسۇددىن نىزامۇددىن قۇردى. باش ئورگىنى پايتەخت جورجتوندا، مەقسىتى: مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋەزىپىلەرنى قاتتىق بەجا كەلتۈرۈشىگە نازارەت - ھەيدەكچىلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا پائال ئارىلىشىپ، ھۆكۈمەتنى قوللاش؛ مەسچىتلەرنى سېلىش ۋە قوغداش؛ مەسچىتلەرنى سېلىش ۋە قوغداش، دەرسلەرنى باشقۇرۇش؛ خەلقئارالىق ئىسلام يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. 1988 - يىلى 9 - ئايدا <جەنۇبىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقى بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئىسلام يىغىنى> نى ئېچىپ، بۈگۈنكى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋە دىننى تەرغىب قىلىش ئۇسۇلىنى مۇھاكىمە قىلدى.