Uyghur←ChineseMain Dictionary
گۋادالا خارا
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر瓜达拉哈拉
guā dá lā hā lā
مېكسىكىنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، خالىسكو ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر مەركىزىي ئېگىز تەكشىلىكنىڭ غەربىدىكى گراندې دەرياسىنىڭ سول ياقىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1552 مېتىر كېلىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل قۇرغاق كېلىدۇ، شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 810 مىڭ، شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 2 مىليون 340 مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئاساسىي 1531 - يىلى سېلىنغان. ئۆز ۋاقتىدا فارفۇر سانائىتى بىلەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق سودا مەركىزى بولغان. 1940 - يىلدىن بۇيان تەرەققىي قىلىپ، مېكسىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ سودا، پۇل - مۇئامىلە، سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. شەھەردە فارفور، مېتالچىلىق، توقۇمىچىلىق، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش، سېمونت، ئاياغ كىيىم، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەر ئەتراپىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، 50 دىن ئوشۇق چېركاۋ، مۇزېي قاتارلىق ئورۇنلار بار.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.